سۈرە ئال ئىمران، قۇرئانى كەرىمنىڭ 3-سۈرىسى، 200 ئايەتتىن تەركىب تاپقان مەدەنىي سۈرىدۇر.
يەككە يىگانە ئاللاھدىن باشقا ئىبادەتكە لايىق ھېچ مەبۇد بەرھەق يوقتۇر، ئاللاھ ھەمىشە ئەبەدىي ھاياتلىقتا بولۇپ، ئۇ ئۆلمەيدۇ ۋە نۇقساندىن پاكتۇر، ئۆزى يالغۇز بارلىق مەخلۇقاتلارنى ئىدارە قىلغۇچىدۇر، ئۇ بارلىق مەخلۇقاتلاردىن بىھاجەتتۇر، بارلىق مەخلۇقاتلار ئاللاھنىڭ ئىدارە قىلىشى بىلەن تۇرغۇچىدۇر، ئۇلار ھەرقانداق ئەھۋالدا…