سۈرە مۇنافىقۇن

سۈرە مۇنافىقۇن، قۇرئانى كەرىمنىڭ 63-سۈرىسى، 11 ئايەتتىن تەركىب تاپقان مەدەنىي سۈرىدۇر.

ئەي پەيغەمبەر! مۇسۇلمان قىياپىتىگە كىرىۋېلىپ، كۇپۇرنى يوشۇرىدىغان مۇناپىقلار سېنىڭ سورۇنۇڭغا كەلگەندە: بىز سېنىڭ ھەقىقەتەن ئاللاھنىڭ راست پەيغەمبىرى ئىكەنلىكىڭگە گۇۋاھلىق بېرىمىز، دېيىشىدۇ. ئاللاھ سېنىڭ ئۆزىنىڭ راست پەيغەمبىرى ئىكەنلىكىڭنى بىلىدۇ.