سۈرە ئىبراھىم

سۈرە ئىبراھىم، قۇرئانى كەرىمنىڭ 14-سۈرىسى، 52 ئايەتتىن تەركىب تاپقان مەككىي سۈرىدۇر.

بۇ قۇرئان كەرىم سېنىڭ ئىنسانلارنى كۇپرى، نادانلىق ۋە ئازغۇنلۇقتىن ئىمانغا، ئىلىمگە ۋە ھىدايەتكە، مۇنداقچە ئېيتقاندا ھەممىدىن غالىب، ھېچكىم يېڭەلمەيدىغان، ھەر ئىشىدا مەدھىيەگە لايىق زات ئاللاھ تائالانىڭ يولى بولغان ئىسلام دىنىغا يېتەكلىشىڭ ئۈچۈن بىز ساڭا نازىل قىلغان كىتابتۇر.