سۈرە تەغابۇن، قۇرئانى كەرىمنىڭ 64-سۈرىسى، 18 ئايەتتىن تەركىب تاپقان مەدەنىي سۈرىدۇر.
ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى بارچە مەخلۇقات ئاللاھ تائالانى ئۇنىڭ ئۇلۇغلۇقىغا لايىق كەلمەيدىغان ناقىس سۈپەتلەردىن پاك دەپ ئېتىقاد قىلىدۇ ھەم ئۇلۇغلايدۇ. پادىشاھلىق يالغۇز ئاللاھقا ئائىتتۇركى، ئۇنىڭدىن باشقا ھەقىقىي پادىشاھ يوقتۇر. بارچە گۈزەل مەدھىيەلەر ئۇنىڭغا خاستۇر.