سۈرە ھۇد، قۇرئانى كەرىمنىڭ 11-سۈرىسى، 123 ئايەتتىن تەركىب تاپقان مەككىي سۈرىدۇر.
قۇرئان ئايەتلىرى تۈزۈلىشى ۋە مەناسى تەرىپىدىن پۇختا كىتابتۇر. سەن بۇ كىتابتا ھېچقانداق يوچۇق ۋە نۇقساننى تاپالمايسەن. بۇ كىتابتا ھالال ۋە ھارام، بۇيرۇق ۋە چەكلىمە، ئاللاھنىڭ ياخشىلارغا قىلغان ۋەدىلىرى بىلەن ناچار ئادەملەرگە قىلىنغان ئاگاھلاندۇرۇش ۋە قىسسىلەر بايان قىلىنغان.