سۈرە تالاق

سۈرە تالاق، قۇرئانى كەرىمنىڭ 65-سۈرىسى، 12 ئايەتتىن تەركىب تاپقان مەدەنىي سۈرىدۇر.

ئەي پەيغەمبەر! سەن ياكى ئۈممىتىڭدىن بىرەر كىشى ئايالىڭلارنى تالاق قىلماقچى بولساڭلار، ئىددەت تۇتۇشقا لايىق پەيتتە تالاق قىلىڭلار. يەنى تالاق ئۇلار ھەيزدىن پاكلانغاندىن كېيىن ئۆزئارا جىنسىي ئالاقىدە بولمىغان پاكلىق مەزگىلىدە بولسۇن.