سۈرە جۇمئە

سۈرە جۇمئە، قۇرئانى كەرىمنىڭ 62-سۈرىسى، 11 ئايەتتىن تەركىب تاپقان مەدەنىي سۈرىدۇر.

ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى پۈتكۈل مەخلۇقات ئاللاھنى ئۇنىڭ ئۇلۇغلۇقىغا نالايىق ھەر قانداق ئەيىب - نۇقساندىن پاك دەپ ئېتىقاد قىلىدۇ ۋە ئۇنى ئۇلۇغلايدۇ. ئاللاھ ھەممىنىڭ ئىگىسىدۇر ۋە مۈلكىدە يەككە - يېگانىدۇر. ھەر قانداق ئەيىب - نۇقساندىن پاكتۇر. ھېچكىم يېڭەلمەيدىغان غالىبتۇر.