سۈرە كەھف، قۇرئانى كەرىمنىڭ 18-سۈرىسى، 110 ئايەتتىن تەركىب تاپقان مەككىي سۈرىدۇر.
بارلىق مۇكەممەللىك ۋە ئۇلۇغلۇق سۈپەتلىرى بىلەن، ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن نېئمەتلەرنىڭ ئىگىسى بولۇش بىلەن مەدھىيەلەر يېگانە ئاللاھقا خاستۇركى، ئۇ بەندىسى ۋە ئەلچىسى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا قۇرئاننى نازىل قىلدى، بۇ قۇرئاندا ھېچقانداق قىڭغىرلىق ۋە ھەقتىن مايىل بولۇپ كېتىش يوقتۇر.