سۈرە فاتىر، قۇرئانى كەرىمنىڭ 35-سۈرىسى، 45 ئايەتتىن تەركىب تاپقان مەككىي سۈرىدۇر.
بارلىق ھەمدۇسانا ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ئۆرنەكسىز ياراتقان ئاللاھقا خاستۇر. ئۇ پەرىشتىلەر ئىچىدىن تەقدىردە پۈتۈلگەن بۇيرۇقلىرىنى ئىجرا قىلىدىغان ئەلچىلەرنى قىلدى. ئۇلارنىڭ بەزىسى پەيغەمبەرلەرگە ۋەھىي يەتكۈزىدۇ ھەمدە ئۇلارنىڭ ئاللاھ تاپشۇرغان ۋەزىپىسىنى ئۇرۇندىشىغا كۈچ قاتىدۇ.