سۈرە مۇمتەھىنە

سۈرە مۇمتەھىنە، قۇرئانى كەرىمنىڭ 60-سۈرىسى، 13 ئايەتتىن تەركىب تاپقان مەدەنىي سۈرىدۇر.

ئى ئاللاھقا ئىمان ئېيتقان، ئاللاھنىڭ شەرىئىتى بويىچە ئەمەل قىلغان مۇئمىنلەر! مېنىڭ ۋە ئۆزۈڭلارنىڭ دۈشمىنىڭلارنى سىرداش دوست قىلىۋالماڭلار. ئۇلار پەيغەمبىرىڭلار ئارقىلىق سىلەرگە كەلگەن دىنغا كاپىر بولغان ۋە پەيغەمبىرىنى يۇرتلىرىدىن قوغلاپ چىقارغان ئىدى. ئۇلار سىلەرنىمۇ يۇرتۇڭلار مەككىدىن قوغلاپ چىقىرىۋېتىدۇ.