سۈرە ئىسرا

سۈرە ئىسرا، قۇرئانى كەرىمنىڭ 17-سۈرىسى، 111 ئايەتتىن تەركىب تاپقان مەككىي سۈرىدۇر.

ئاللاھ تائالا ئۆزىدىن باشقا ھېچكىمنىڭ كۈچى يەتمەيدىغان بارلىق ئىشلارغا قادىر بولغانلىقى ئۈچۈن بارچە ئەيىب - نۇقسانلاردىن پاكتۇر ھەم ئۇلۇغدۇر. ئۇ بەندىسى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى روھى ۋە بەدىنى بىلەن ئويغاق ھالەتتە كېچىنىڭ مەلۇم قىسمىدا مەسجىدى ھەرامدىن بەيتۇلمۇقەددەستىكى ئەقسا مەسجىدىگە ئېلىپ كەلدى.