سۈرە ھۇجۇرات

سۈرە ھۇجۇرات، قۇرئانى كەرىمنىڭ 49-سۈرىسى، 18 ئايەتتىن تەركىب تاپقان مەدەنىي سۈرىدۇر.

ئەي ئاللاھقا ئىمان ئېيتقان ھەمدە ئۇنىڭ شەرىئىتىگە ئەگەشكەن مۇئمىنلەر! مەيلى گەپ - سۆز، مەيلى ئىش - ھەرىكەتتە ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىنىڭ ئالدىغا چىقىۋالماڭلار. ئاللاھنىڭ بۇيرۇقلىرىنى بەجا كەلتۈرۈش ۋە چەكلىمىلىرىدىن يېنىش ئارقىلىق ئۇنىڭغا تەقۋادار بولۇڭلار.