سۈرە جىن، قۇرئانى كەرىمنىڭ 72-سۈرىسى، 28 ئايەتتىن تەركىب تاپقان مەككىي سۈرىدۇر.
ئەي پەيغەمبەر! ئۈممىتىڭگە ئېيتقىنكى، ئاللاھ تائالا ماڭا مۇنداق ۋەھيى قىلدى: بەتن نەخلە دېگەن جايدا بىر توپ جىنلار مېنىڭ قۇرئان ئوقۇشۇمغا قۇلاق ساپتۇ، ئاندىن ئۇلار قەۋمىنىڭ يېنىغا بارغانلىرىدا قەۋمىگە مۇنداق دەپتۇ: ھەقىقەتەن بىز بالاغەت ۋە پاساھەتتە ھەيران قالارلىق دەرىجىدە ئوقۇلىدىغان بىر سۆزنى ئاڭلىدۇق.