سۈرە ئەھزاب، قۇرئانى كەرىمنىڭ 33-سۈرىسى، 73 ئايەتتىن تەركىب تاپقان مەدەنىي سۈرىدۇر.
ئەي پەيغەمبەر! سەن ئۆزۈڭ بىلەن بىرگە بولغان كىشىلەر بىلەن بىرلىكتە ئاللاھنىڭ بۇيرۇقلىرىنى بەجا كەلتۈرۈپ، چەكلىمىلىرىدىن يېنىش ئارقىلىق ئاللاھقا تەقۋادار بولۇشتا مۇستەھكەم تۇرغىن، بىر ئاللاھتىن قورققىن، كاپىرلار ۋە مۇناپىقلارنىڭ ھاۋايى - ھەۋەسلىرىنىڭ كەينىگە كىرمىگىن.