سۈرە مۇجادىلە، قۇرئانى كەرىمنىڭ 58-سۈرىسى، 22 ئايەتتىن تەركىب تاپقان مەدەنىي سۈرىدۇر.
ئاللاھ ھەقىقەتەن خەۋلە بىنتى سەئلەبەنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلىدى. ئەي پەيغەمبەر! ئۇ ئۆزىنى زىھار قىلغان (ئەر كىشىنىڭ ئايالىغا: سەن ماڭا نىسبەتەن ئانامغا ياكى قىز بىر تۇغقىنىمغا ئوخشاش ھارام دېيىشى زىھار قىلىش دېيىلىدۇ) ئېرى ئەۋس ئىبنى سامىتنىڭ ئىشى توغرىسىدا سەن بىلەن مۇنازىرىلەشتى.