سۈرە نىسا

سۈرە نىسا، قۇرئانى كەرىمنىڭ 4-سۈرىسى، 176 ئايەتتىن تەركىب تاپقان مەدەنىي سۈرىدۇر.

ئى ئىنسانلار! سىلەرنى ئاتاڭلار ئادەمدىن ئىبارەت بىر ئىنساندىن ياراتقان پەرۋەردىگارىڭلاردىن قورقۇڭلار، ئاللاھ ئادەمدىن سىلەرنىڭ ئاناڭلار ھەۋۋانى ياراتتى، ئادەم بىلەن ھەۋۋادىن دۇنيانىڭ ھەممە تەرەپلىرىگە نۇرغۇن ئەر-ئايال ئەۋلادلارنى تاراتتى، بىر-بىرىڭلاردىن بىر نەرسە سورىغاندا: ئاللاھنىڭ نامى بىلەن مۇنداق قىلىپ بېرىشىڭنى…