سۈرە ئەئراف

سۈرە ئەئراف، قۇرئانى كەرىمنىڭ 7-سۈرىسى، 206 ئايەتتىن تەركىب تاپقان مەككىي سۈرىدۇر.

قۇرئان كەرىم ئاللاھ ساڭا نازىل قىلغان كىتابتۇر، شۇڭا ئۇنىڭدىن (قەۋمىڭنىڭ ئۇنى ئىنكار قىلىشىدىن ئەنسىرەپ) قەلبىڭدە سىقىلىش ۋە ئىككىلىنىش بولمىسۇن. ئاللاھ قۇرئاننى ساڭا ئىنسانلارنى ئاگاھلاندۇرۇشۇڭ ۋە شۇ ئارقىلىق دەلىل-پاكىتلارنى كەلتۈرۈشۈڭ ئۈچۈن، شۇنداقلا مۇئمىنلەرگە ۋەز-نەسىھەت قىلىشىڭ ئۈچۈن نازىل قىلدى.