سۈرە سەبە، قۇرئانى كەرىمنىڭ 34-سۈرىسى، 54 ئايەتتىن تەركىب تاپقان مەككىي سۈرىدۇر.
بارلىق ھەمدۇسانا ئاللاھقا خاستۇر، ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى بارلىق نەرسىلەر مەيلى يارىتىش، مەيلى ئىگىدارچىلىق قىلىش، مەيلى باشقۇرۇش جەھەتلەردە بولسۇن ھەممىسى ئاللاھنىڭ مۈلكىدۇر. ئاخىرەتتىمۇ ھەمدۇسانا ئاللاھقا خاستۇر.