سۈرە ئەھقاف، قۇرئانى كەرىمنىڭ 46-سۈرىسى، 35 ئايەتتىن تەركىب تاپقان مەككىي سۈرىدۇر.
بىز ئاسمانلارنى، زېمىننى ۋە ئۇ ئىككىسىنىڭ ئارىسىدىكى نەرسىلەرنى بىكارغا ياراتمىدۇق، بەلكى ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى چوڭقۇر ھېكمەت يۈزىسىدىن ھەق بىلەن ياراتتۇق. مەسىلەن، ئۇ ھېكمەتلەرنىڭ بىرى، بەندىلەر مۇشۇ ئارقىلىق رەببىنى تونۇپ، يالغۇز شۇنىڭغىلا قۇلچىلىق قىلىشى، ئۇنىڭغا ھېچنەرسىنى شېرىك كەلتۈرمەسلىكىدۇر.