سۈرە فۇرقان، قۇرئانى كەرىمنىڭ 25-سۈرىسى، 77 ئايەتتىن تەركىب تاپقان مەككىي سۈرىدۇر.
ئۆز بەندىسى ۋە ئەلچىسى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ھەق بىلەن باتىلنى ئايرىغۇچى قۇرئاننى نازىل قىلغان ئاللاھنىڭ ياخشىلىقى ھەقىقەتەنمۇ كاتتا ھەم كۆپتۇركى، (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا قۇرئاننىڭ نازىل قىلىنىشى) ئۇنىڭ ئىنسان ۋە جىنلارغا پەيغەمبەر بولۇپ، ئۇلارنى ئاللاھنىڭ ئازابىدىن ئاگاھلاندۇرۇشى ئۈچۈندۇر.