سۈرە ھەج

سۈرە ھەج، قۇرئانى كەرىمنىڭ 22-سۈرىسى، 78 ئايەتتىن تەركىب تاپقان مەدەنىي سۈرىدۇر.

ئەي ئىنسانلار! پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ بۇيرۇغانلىرىنى بەجا كەلتۈرۈش، توسقانلىرىدىن يېنىش ئارقىلىق ئۇنىڭغا تەقۋادارلىق قىلىڭلار. قىيامەت بىلەن تەڭ مەيدانغا كېلىدىغان يەر تەۋرەش ۋە باشقا ئالامەتلەر ئىنتايىن بۈيۈك بىر ئىشتۇركى، ئۇ كۈن ئۈچۈن ئاللاھ رازى بولىدىغان ئەمەللەر بىلەن تەييارلىق قىلىش زۆرۈردۇر.