سۈرە مەسەد، قۇرئانى كەرىمنىڭ 111-سۈرىسى، 5 ئايەتتىن تەركىب تاپقان مەككىي سۈرىدۇر.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تاغىسى، ئابدۇلمۇتتەلىبنىڭ ئوغلى ئەبۇ لەھەب ئەمىلى بىكار بولۇش ئارقىلىق قۇرۇق قول قالسۇن! چۈنكى ئۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئەزىيەت بېرەتتى. ئۇنىڭ تىرىشچانلىقلىرى يوققا چىقتى.