سۈرە ئەنئام، قۇرئانى كەرىمنىڭ 6-سۈرىسى، 165 ئايەتتىن تەركىب تاپقان مەككىي سۈرىدۇر.
مۇتلەق مۇكەممەللىككە ئىگە بولۇش، مۇھەببەت بىلەن بىرگە ئەڭ گۈزەل ئىپادىلەر بىلەن ئالقىشلىنىش ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ئۆرنەكسىز ياراتقان، بىر-بىرىنى قوغلىشىپ كېلىدىغان كېچە بىلەن كۈندۈزنى ياراتقان ئاللاھ تائالاغا مەنسۇپتۇركى، ئۇ كېچىنى قاراڭغۇلۇق ئۈچۈن، كۈندۈزنى يورۇقلۇق ئۈچۈن ياراتتى.