سۈرە سەف، قۇرئانى كەرىمنىڭ 61-سۈرىسى، 14 ئايەتتىن تەركىب تاپقان مەدەنىي سۈرىدۇر.
ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى پۈتكۈل مەخلۇقات ئاللاھنىڭ ئۇلۇغلۇقىغا لايىق كەلمەيدىغان بارچە ئەيىب - نۇقسانلاردىن پاك دەپ ئېتىقاد قىلىدۇ ۋە ئۇنى ئۇلۇغلايدۇ. ئاللاھ غالىبتۇركى، ھېچكىم ئۇنى يېڭەلمەيدۇ. يارىتىشىدا، ئورۇنلاشتۇرۇشىدا ۋە ھۆكۈملىرىدە ھېكمەتلىك ئىش قىلغۇچىدۇر.