سۈرە مائىدە، قۇرئانى كەرىمنىڭ 5-سۈرىسى، 120 ئايەتتىن تەركىب تاپقان مەدەنىي سۈرىدۇر.
ئى مۆئمىنلەر! سىلەر بىلەن ئاللاھنىڭ ئارىسىدىكى ۋە سىلەر بىلەن كىشىلەر ئارىسىدىكى تەكىتلەنگەن ئەھدىلەرنىڭ ھەممىسىگە تولۇق ۋاپا قىلىڭلار، ئاللاھ سىلەرگە رەھمەت قىلىپ، تۆگە، كالا ۋە قويدىن ئىبارەت چارۋىلارنى ھالال قىلىپ بەردى، پەقەت ھاراملىقى بەلگىلەپ بېرىلگەن چارۋىلار بۇنىڭدىن مۇستەسنادۇر.