سۈرە ھەشر، قۇرئانى كەرىمنىڭ 59-سۈرىسى، 24 ئايەتتىن تەركىب تاپقان مەدەنىي سۈرىدۇر.
ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى پۈتكۈل مەخلۇقات ئاللاھ تائالانى ئۇلۇغلاپ، ئۇنىڭغا نالايىق كەمچىلىكلەردىن پاك دەپ ئېتىقاد قىلىدۇ. ئاللاھ ھېچكىم يېڭەلمەيدىغان غالىب زاتتۇر، شۇنداقلا يارىتىشىدا، يول - يورۇقلىرىدا ۋە ئورۇنلاشتۇرۇشىدا ھېكمەتلىك ئىش قىلغۇچىدۇر.