سۈرە بەقەرە، قۇرئانى كەرىمنىڭ 2-سۈرىسى، 286 ئايەتتىن تەركىب تاپقان مەدەنىي سۈرىدۇر.
ئەلىف، لام، مىم، بۇ ھەرپلەر بىلەن قۇرئان سۈرىلىرىنىڭ بەزىسى باشلانغان بولۇپ، بۇ ھەرپلەر يالغۇز كەلگەندە (ئەلىف، بە، تە، سە. . . )ئۆز ئالدىغا ھېچقانداق مەنا ئىپادىلىمەيدۇ. ئۇ ھەرپلەرنىڭ ئۆزىگە خاس ھېكمىتى ۋە ئەھمىيەتلىرى بار، چۈنكى قۇرئان كەرىمدە ھېكمىتى يوق ھېچقانداق نەرسە بولمايدۇ.